Duration 29:11

لاگېر شاھىتى باقىتئالى نۇرنىڭ گۇناھسىز تۇتۇلۇپ لاگېردا يېتىش جەريانىدىكى تەپسىلى شاھىتلىق گۇۋاھلىقى

Published 18 May 2021

لاگېر شاھىتى باقىتئالى نۇرنىڭ گۇناھسىز تۇتۇلۇپ لاگېردا يېتىش جەريانىدىكى تەپسىلى شاھىتلىق گۇۋاھلىقى ئۆز ئۇرۇق تۇققانلىرى ۋە تونۇش- بۆلۈشلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىش ۋە ئۇلار ئۇچراۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى قىلالايدىغان ئەڭ ئاددى ۋىژدانى مەجبۇرىيەت. پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى لاگېرغا سولانغانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ياردەم قىلىشىنى ۋە ئۆز تونۇش-بۈلۈشلىرى، ئۇرۇق تۇققانلىرىنى تىزىملىتىپ ئارخىپلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ لاگېردا بىگۇناھ ئۈلۈپ كەتكەن ۋە ئىز دېرەكسىز يوقىتىۋېتىلگەن كىشىلەرنى ۋىروس تارقالغاندىن كېيىن يۇقۇملۇنۇپ ئۈلۈپ كەتكەن دىگەن باھانە بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇپ قېلىشتىن بۇرۇن ھەركەتكە ئۆتۈشىنى جىددي تەلەپ قىلىمىز. شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق تەشكىلات ۋە جامائەت ئەرباپلىرىنىڭ بۇ خىزمەتكە جىددي قاراپ خەلىققە چاقىرىق قىلىشىنى ۋە تەشكىللىك ھەركەتكە ئۈتۈپ تەشۋىقات ۋە ئارخىپ يىغىش خىزمەتلىرىگە ياردەمدە بولىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. قېنى ھەممىمىز بەش مىنوت ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ گۇۋاھلىق فىلىمى ئالايلى ۋە ئۇنى ئىمانىي بۇرچىمىز دەپ تارقىتايلى. قانداق ئېلىشنى ۋە نىمە سۆزلەشنى بىلمىسىڭىز تۆۋەندىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ. بىز سىزگە قانداق ئېلىشنى تەپسىلىي چۈشەندۈرىمىز. ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى توغرۇلۇق مەلۇمات ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى، بىز 2017-يىلنىڭ بېشىدىن باشلىغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان لاگېر ۋە تۈرمىلەردىكىلەرنىڭ ئارخىۋىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ مەلۇماتىنى يىغىدىغان مەخسۇس تۈر بولۇپ، ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن رەسمى ئورگان شەكلىدە قۇرۇلۇپ، 2019- يىلى 7- ئايدىن باشلاپ مۇنتىمىز خىزمەت قىلىۋاتىمىز. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىگەللەش ۋە خاتىرىلەش ئۈچۈن ئومۇمىي يۈزلۈك ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بارىمىز. ئارخىپ ئامبىرىمىزنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە خىزمىتى شەرقى تۈركىستاندا خىتتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، يىغىۋېلىش لاگىرلىرى ۋە ئاتالمىش سىياسىي قايتا ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان، مەجبۇرى يوقىتىۋېتىلگەن، مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان، يۆتكىۋېتىلگەن، سىياسى ۋە دىنىي بەتناملار بىلەن تۈرمىلەرگە كېسىلگەنلەر ۋە ئۆلگەنلەرنى تىزىملاپ ئارخىپلاشتۇرۇش ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرلىگەن ھالدا ستاتىسكىلانغان دوكلات تەييارلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى بارلىق ۋەتەنداشلارنى تۇتقۇن قىلىنغان، لاگېرلارغا قامالغان، ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ۋە يوقۇتۇپ قويغان ئۇرۇق تۇققانلىرىنى بىزگە تىزىملىتىپ ئۇلارنىڭ ئارخىۋىنى قالدۇرۇش بىلەن بىللە ئۇلار ئۈچۈن توردا گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرىق قىلىدۇ. سىز پەقەت بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ سىنلىق ياكى ئاۋازلىق گۇۋاھلىقىڭىزنى بىۋاستە توردا سۆزلەپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ. گۇۋاھلىقىڭىزنى بىز بىۋاستە توردىن ئېلىپ دۇنياغا تارقىتىمىز. باش توربەت ئادرىسىمىز http://www.utjd.org/ ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى ئارخىپلاشتۇرۇپ تىزىملاش تور سەھىپىسى https://www.utjd.org/register/ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «غايىپلار خىزمەت گۇرۇپىسى» جەدۋىلنى https://www.utjd.org/register/bdt/ لاگېر شىھىتلىرىنى تىزىملاش سەھىپىسى https://www.utjd.org/register/shehitler/ خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان تەھدىتىنى پاش قىلىش سەھىپىسى https://www.utjd.org/register/tehdit/ تىۋېتتېر تەشۋىقات قانىلى https://twitter.com/UyghurJustice يۇتۇب گۇۋاھلىق قانىلى /channel/UC7EMrWkfR8eqXGKrZWlagaA فېسبوك قانىلى https://www.facebook.com/Uyghur.TJD/?modal=admin_todo_tour ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى Telfon: +47 99850702 Whatsapp: +47 99850702 ئېلخەت ئادرىسى Epost: info@utjd.org بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى

Category

Show more

Comments - 28